باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تۇنجى «دوستلۇق ئوردېنى» نى بەردى

2018.06.11 15:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6- ئاينىڭ 8- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تۇنجى «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  تىنچلىق بۇرغىسى شەرقتە ياڭرىدى، دوستلۇق رىشتىسى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تۇنجى «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيەگە، دۆلەتكە تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالى چىراغ نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات تولىمۇ قىزغىن، تەنتەنىلىك ئىدى، قىزىل رەڭلىك چوڭ تەگلىككە چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن رەڭلىك «دوستلۇق ئوردېنى» نۇسخىسى ۋە خەنزۇچە، رۇسچە يېزىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ <دوستلۇق ئوردېنى>نى تارقىتىش مۇراسىمى» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. سەھنىگە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى رەتلىك تىزىلغانىدى.

  سائەت 17دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 18 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ھەيۋەتلىك ھالدا مەزمۇت قەدەم بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى ھەم ئوردېن تارقىتىش سەھنىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە كېلىپ رەتلىك تىزىلىپ تۇردى، ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمى باشلاندى.

  مەيدانغا كىرىش مۇراسىم مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن يانمۇيان مېڭىپ ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىرىپ كەلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئوردېن تارقىتىش سەھنىسىگە چىقتى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ھۆرمەتتە تۇردى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلاندى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى» جۇڭگونىڭ دۆلەت سىرتىغا تارقىتىدىغان ئالىي شەرەپ مېدالى بولۇپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان چەت ئەللىك دوستلارغا بېرىلىدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ياخشى دوستى. زۇڭتۇڭ پۇتىن كۆپ يىللاردىن بۇيان يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى تۈرتكە بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا بوران- چاپقۇن، ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، ھازىرقى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىناق، بىللە ئۆتۈشىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قىممەتلىك «دوستلۇق ئوردېنى» جۇڭگو خەلقىنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا بولغان ئالىي ھۆرمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ئىككى ئۇلۇغ مىللەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى. يېڭى پەللىدە، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىللە ئىناق دوستانە ئۆتۈش، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە بىرلىكتە باشلاشنى خالايمەن.

  ئارقىدىن، ۋاڭ خۇنىڭ «دۆلەت رەئىسىنىڭ ئوردېن بېرىش پەرمانى»نى ئوقۇدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى»غا ئاساسەن، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى» رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋېلادېمىر ۋېلادېمىروۋىچ پۇتىنغا ئالاھىدە بېرىلسۇن.

  ئىككى نەپەر بايراقچىنىڭ مۇھاپىزىتىدە، ھۆرمەت قاراۋۇلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى كۆتۈرۈپ ئوردېن تارقىتىش سەھنىسىگە چىقتى. ئالتۇن رەڭلىك ئوردېن كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

  مۇراسىم كانىيى ئالتۇن رەڭلىك زالدا ياڭرىدى، شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا ئوردېننى زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي قول ئېلىشتى. مەيداندا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  ھەربىي ئوركېستىر رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

  پۇتىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى «دوستلۇق ئوردېنى»نى ماڭا بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم. بۇ شەخسەن ماڭا بېرىلگەن ئالىي شەرەپ بولۇپلا قالماي، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ رۇسىيە خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. بىز رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ھېسسىياتتىن ئىبارەت. مەن بۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە قالتىس ئوردېننى ئەتىۋارلاپ ساقلايمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىللە تىرىشىپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن.

  ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىغا يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، باتېر، خې لىفېڭ قاتناشتى. جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان جۇڭگولۇق ۋە رۇسىيەلىك ھەر ساھە دوستلار، زاتلار، فاشىزمغا قارشى پېشقەدەم جەڭچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، جۇڭگولۇق ۋە رۇسىيەلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى، رۇسىيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى قاتارلىق 700 دىن ئارتۇق كىشى ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر