باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

شى جىنپىڭ رەئىس دۆلىتىنىڭ باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن سۆز قىلدى

2018.06.11 15:29   مەنبە: خەلق تورى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 10-ئىيۇن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس دۆلىتىنىڭ باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن سۆز قىلدى.ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى:ھەرقايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچ ھەمكارلىشىدىغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىدى؛ دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قوغداپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا، كەمسىتمەيدىغان، قائىدىنى ئاساس قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ،«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى؛ مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، سەھىيە، ساياھەتچىلىك، ياشلار، تاراتقۇ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا ھەم رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقاردى؛ قىرغىزىستاننىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، كېلەر يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ،«شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق پىلانلاشنى كېلىشتى. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر