باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل: ياۋروپا بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەك، دېدى

2018.06.12 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 10-ئىيۇن كەچتە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىدىكى ئىپادىسى مەندە «گۇمراھلىق تۇيغۇسى» پەيدا قىلدى، ياۋروپا ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىلا تايىنىۋالسا بولمايدۇ، بەلكى بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى ھەم جۇڭگو قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەك.

  يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى كانادانىڭ كۇيبىك شىتاتىدا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مېركىل گېرمانىيەگە قايتتى ھەم 10-ئىيۇن كەچتە گېرمانىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. مېركىل مۇنداق دېدى: ترامپنىڭ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ قوشما ئاخباراتىغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندىم.

  مېركىل مۇنداق دېدى: ترامپنىڭ قارارى ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، «بىراق بىز بۇ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىلا تايىنىۋالساق بولمايدۇ»، بۇ قېتىملىق يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئورتاق دىپلوماتىيە سىياسىتى بولمىسا، ياۋروپا «بېسىم» غا ئۇچرايدۇ.

  مېركىل يەنە مۇنداق دېدى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدىن ۋاز كېچىش نىيىتىم يوق، «بىراق گېرمانىيە شۇنىڭ بىلەن بىللە جەزمەن رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىش جەھەتتە ئىزدىنىشى، ياپونىيە، كانادا، ھىندىستان ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەك».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر