باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىلىپپىن-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئىشەنچىمىز تولۇق، دېدى

2018.06.11 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىلىپپىن دېپلوماتىيە مىنىستىرى كايېتانو 9-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىننىڭ فىلىپپىن-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسى تولۇق، كەلگۈسىدە فىلىپپىن جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  9- ئىيۇن، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 43 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا 17- قېتىملىق فىلىپپىن-جۇڭگو دوستلۇقى كۈنى. كايېتانو شۇ كۈنى كەچتە «فىلىپپىن-جۇڭگو مېھرىدىن چېچەكلەر پورەكلىدى» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقاندا، تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە فىلىپپىن-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 43 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز، فىلىپپىننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشەنچى كامىل بولۇپلا قالماستىن، ئۇنى ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدۇ».

  كايېتانو مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىناق ئۆتۈشى كېرەك، جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن قوشنا دۆلەت، فىلىپپىننىڭ تەرەققىياتى جۇڭگوغا موھتاج. كەلگۈسىدە فىلىپپىن جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا بەخت يارىتىدۇ.

  كايېتانو يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئايرىم ئىختىلاپلارغا قارىتا، فىلىپپىن جۇڭگو بىلەن ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تالاش-تارتىشلارنى «تىنچ ھەم مەدەنىي» ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن 1975- يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2002-يىلى 1- ئايدا، فىلىپپىن تەرەپ ھەر يىلى 6- ئاينىڭ 9-كۈنىنى فىلىپپىن-جۇڭگو دوستلۇقى كۈنى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر