باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە پائال نەتىجىگە ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز

2018.06.12 15:55   مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە پائال نەتىجىگە ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 11-ئىيۇن ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ ۋە پائال نەتىجىگە ئېرىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە پايدىلىق كۈچ قوشۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ ۋە پائال نەتىجىگە ئېرىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاندۇرۇش ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يېرىم ئارالنىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە مۇھىم بىر تەرىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاندۇرۇش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن 12-ئىيۇن سىنگاپورنىڭ سېنتوسا ئارىلىدىكى كاپېللا مېھمانخانىسىدا كۆرۈشىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر