باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.06.12 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى يىغىنى 11-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنداق دېيىلدى: كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىش ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىش، رايونلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى يۈكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن ئادىل، ئورتاق بەھىرلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ تەڭشەش فوندىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئاجرىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، باھالاش-مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنىڭ ئوڭۇشلۇق، مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كىرىم-چىقىمنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمىنى تېزلىتىپ، ساقلانما مەبلەغنى جانلاندۇرۇش، قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چىقىم خېيىم-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى ۋە پەسەيتىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل كۈتۈنۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر