باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلدى

2018.06.12 15:43   مەنبە: خەلق تورى

چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن دۆلەت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 12-ئىيۇن سىنگاپوردا، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىرىنىڭ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

  شۇ يەر ۋاقتى 12-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا، سىنگاپورنىڭ سېنتوسا ئارىلىدىكى جياپېيلې مېھمانخانىسى ئىچىگە قىزىل پايانداز سېلىنغان ئىدى. قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە كىم جوڭئۇن ۋە ترامپ بىر ‐ بىرىگە قاراپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى.

  قىزىل پاياندازنىڭ مەركىزىدە، ئىككىسى فوتو ئاپپاراتلارنىڭ توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتقان ئاۋازى ئىچىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، مۇخبىرلارغا يۈزلىنىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىن ئىككىيلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ ئولتۇردى. ترامپ، سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىم جوڭئۇن: بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىش ئاسانغا چۈشمىدى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن توسالغۇلارنى يەڭدى، دېدى. ئارقىدىن ئىككىيلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ترامپ كىم جوڭئۇنغا باش بارمىقىنى چىقاردى.

  ئامېرىكا ئاق ساراي ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بىر كۈنلۈك بولۇپ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلەرنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشى، كەڭ دائىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر سۆھبىتى ۋە بىللە چۈشلۈك تاماق يېيىش قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىدىكەن. يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى، شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىشى قاتارلىقلار ئۇچرىشىشنىڭ قىزىق نۇقتىلىق تېمىسى بولۇپ قالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر