باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.06.12 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، سۈپەتلىك، بىخەتەر، يېشىل تەرەققىياتنى نىشان، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش لىنىيە، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ماركا يارىتىش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، زامانىۋى سۈتچىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سۈتچىلىكنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سۈتچىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، سۈتچىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، سۈتچىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەك. 100دىن ئارتۇق ئىنەك بېقىلىدىغان كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق نىسبىتىنى %65تىن ئاشۇرۇش، سۈت مەنبەسى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىنى %70تىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلاش كېرەك. بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتى، رىقابەت كۈچى ۋە ئالقىشلىنىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى بىلەن ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش كېرەك. سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئىستېمال ئىشەنچىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك. 2025-يىلىغا بارغاندا، سۈتچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۈت بازىسى، مەھسۇلات پىششىقلاش، سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى ۋە كەسىپ رىقابەت كۈچى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر