باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى ھەم بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا

2018.06.12 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 9-،10-ئىيۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو چىڭداۋدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتى، كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت، ئىككى تەرەپنىڭ كۈرۈشىشى، ئۈچ تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى...قىسقىغىنا ئىككى كۈندە 20 مەيداندىن ئارتۇق رەسمىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، باشلىقلار يىغىنىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  100 يىلدىن بۇيان دۇنيادا يۈز بەرگەن مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگۈرۈشلەر ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مەۋقەنى ياۋروپا، ئاسىياغا قويۇپ، پۈتۈن دۇنيانى نەزەردە تۇتۇپ، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر بىلەن بىللە «شاڭخەي روھى» نى مۇھاكىمە قىلىپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايون ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، دۇنيا دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئىشەنچى، كەڭ قورساقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان، مەنزىرىسى گۈزەل «يەلكەنلىك كېمە شەھىرى» دە ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق نەپ ئېلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك چوڭ دۆلەت سىماسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى

  بىر يىل بۇرۇن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو ساھىبخان دۆلەتلىك شەرىپىگە ئېرىشتى. چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويغان تەكلىپنامىلەر ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۈزەتكۈچى دۆلەتلەر باشلىقلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

  تەكلىپكە بىنائەن جەم بولۇش

  8-ئىيۇندىن 9-ئىيۇن چۈشتىن كېيىنگىچە، ئايروپىلانلار چىڭداۋ «ليۇتىڭ» خەلقئارا ئايروپورتقا كەينى-كەينىدىن قوندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ھەمكارلىق، تەرەققىيات بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىش ئۈچۈن خۇاڭخەي دېڭىزى بويىدا جەم بولدى. يىراقلاردىن شۇنچە كۆپ دوستلار يىغىلدى، چىڭداۋ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمۈلدى

  9-ئىيۇن كەچتە، خەلقئارا يىغىن مەركىزى زىياپەت زالىدىكى «گۈللەنگەن دەۋر» ناملىق چوڭ رەسىم كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگە ھالدا يىراقتىن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ساھىبخان دۆلەت رەئىسىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى.

  بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقى سۈپىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىشى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئايرىلغىنىغا ئالتە يىل بولغان قۇرۇلغان يېرىگە قايتىپ كەلدى، خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى دەۋرگە كىرگەن جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشىنى كۈتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر