باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۈيجۇ ئۆلكىسىدە پارتىيەلىك 1121 رەھبىرىي كادىر پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماسلىق سەۋەبىدىن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

2018.06.12 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، گۈيجۇ ئۆلكىلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت «مەۋھۇم» بولۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى «ئاجىز» بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى «يۇمشاق بولۇش» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا چوقۇم سۈرۈشتە قىلىش، سۈرۈشتە قىلىش چوقۇم قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئالدىنقى بەش ئايدا، ئۆلكە بويىچە جەمئىي 83 پارتىيە تەشكىلاتى، 1121 پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماسلىق سەۋەبىدىن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن، 204 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىشلار جازاسى بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر