باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇڭ شەھىرى خۇادۇ رايونىدا 65 ياشلىق بىر ئەر كىشىنى توك سوقۇۋېتىپ ئۆلدى

2018.06.13 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، گۇاڭدۇڭدا بۇ ھەپتە قاتتىق يامغۇرلۇق ھاۋارايى داۋاملاشتى. پەنچىڭ شەھىرى، گۇاڭجۇ شەھىرى، فوشەن شەھىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توك سوقۇش سەۋەبىدىن قازا قىلىش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ، كەڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭجۇ شەھىرى خۇادۇ رايونىدىكى 65 ياشلىق جاڭ X قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، يوللاردا سۇ يىغىلىپ قالغان ئائىلىكلەر قورۇسىدىكى بىر پوچتا ئىشكاپىنى ئاچماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز توك سوقۇۋېتىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۆلگۈچىنىڭ قولىدا بىر قەدەر روشەن توك داغلىرى بار ئىكەن، نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ ئالاقىدار تەرەپلەرگە ياردەملىشىپ، بۇ ۋەقەنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەۋىتىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر