باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ غەيرەتنى ئاشۇرۇش

تارىم نېفىتلىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

2018.06.12 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى شىركىتى يېڭى بايقالغان تەبىئىي گاز ساقلاش بەلبېغىنى سىناق قىلىپ ئېچىش-باھالاشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي گاز ئېچىشنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىشنىڭ ياخشى مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

  قاتار-قاتار كەتكەن تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىدىكى تېخنىكىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىنىڭ بارا-بارا يېشىلىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش ھالقىلىرىدا يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمۇ بارغانسىرى كۈچەيدى. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە كۈندىلىك تەبئىي گاز ئېلىش مىقدارىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گاز 69 مىليون 850 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى : ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر