باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ياشلار U18 ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ تيەنجىن بېكىتىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاياللار كوماندىسى چېمپىيون بولدى

2018.06.12 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار U18 ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تيەنجىن بېكىتىدىكى مۇسابىقىسى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تيەنجىندە ئاخىرلاشتى. شىنجاڭ كوماندىسى ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ساھىل ۋالىبول ماھىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ياشلار كوماندىسىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، U18 ۋە U21 ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەييارە مۇسابىقىلىشىش تۈزۈلمىسىنى قوللىنىلىدىكەن، ھەمدە ھەر يىلى تۆت بېكەتتە، ھەر پەسىلدە بىر بېكەتتە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەربىر مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىنى تۆت بېكەت مۇسابىقىدىكى ئومۇمىي نەتىجىسى بويىچە تەرتىپكە تىزىپ چىقىدىكەن.

  تيەنجىن بېكىتى بۇ يىللىق U18 ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا، مەملىكەت بويىچە سەككىز ئۆلكىدىن كەلگەن 17 ئەرلەر كوماندىسى ۋە 18 ئاياللار كوماندىسىدىن جەمئىي 110 نەپەردىن ئارتۇق ماھىر ۋە تىرېنېرلار قاتناشقان.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋالىبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان، ھەمدە تيەنجىن دۇڭجياڭ باجدىن خالى پورت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە تيەنجىن پورتى گۇرۇھى شىركىتى كونكرېت ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر