باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

__ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچى مۇتەخەسسىسى ئالىي مەكتەپ تاللاش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى

2018.06.12 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  بىرىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈگىشى بىلەنلا ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك


  ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇسى، خاراكتېرى، مائارىپ سېلىنمىسىگە ماس كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپنى قانداق ئىزدەش توغرىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچى مۇتەخەسسىسى، «2018-يىللىق شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش قوللانمىسى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى لىن زېخۈي بەزىبىر مەسلىھەتلەرنى بەردى:

  «ئارزۇ تولدۇرۇش ئاياغلاشمىسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئاياغلاشمايدۇ» __ لىن زېخۈي شۇنداق دېدى: «مەسىلەن ئا ئوقۇغۇچى 600 نومۇر ئالدى، ب ئوقۇغۇچى 629 نومۇر ئالدى، ئا ئوقۇغۇچى ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، ب ئوقۇغۇچى ئادەتتىكىچە ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، بۇ ئادەتتە ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى سادىر قىلىنغان خاتالىق سەۋەبىدىن بولىدۇ.»

  «ئاپتونوم رايونلۇق 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت بەلگىلىمىسى» بويىچە، شىنجاڭنىڭ تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئاخىرلىشىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18دە، قالغان تۈركۈمدىكى ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18 گىچە.

  ئوقۇغۇچىغا ماس كېلىدىغان كەسىپنى قانداق تاللايمىز؟

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇشىدا، مەكتەپ تاللامدۇق ياكى كەسىپ تاللامدۇق؟ بۇ ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار لىن زېخۈيدىن ئەڭ كۆپ سورايدىغان سوئال. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى ئىلمىي لايىھەلەنگەن بولۇپ، پۇرسەت ئىنتايىن كۆپ، پەقەت كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلغاندا، چوقۇم مەكتەپكە ئۆتكىلى بولىدۇ.»

  كەسىپنى قانداق تاللاشقا قارىتا، لىن زېخۈي مۇنداق قارىدى: ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئالاھىدىلىكى بار كەسىپلەرگە قارىتا، شۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بار كەسىپلەرنى تاللىسا بولىدۇ. ئەگەردە ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا مەلۇم بىر پەندە يېتىشەلمىسە ياكى پەقەت ئۇقۇيالمىسا، شۇ پەننىڭ ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدىكى سالمىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدۇ، شۇڭا شۇ پەنگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تاللىماسلىق لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، كەسىپنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگىمۇ قاراش كېرەك. مەسىلەن، ئوخشاشلا قاتناش-تىرانسپورت كەسپى، بەزى مەكتەپلەرنىڭ شۇ كەسىپتىكى تەتقىقات يۆنىلىشى تاشيول تىرانسپورتى بولسا، بەزى مەكتەپلەرنىڭ دېڭىز-ئوكيان تىرانسپورتى بولىدۇ.

  كەسىپ تاللاشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولسا قىزىقىش. ناۋادا ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ تالانتىنى چۈشەنسە، ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ تالانتىغا قارىتا كەسىپ تاللىسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. لېكىن، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ بىر كەسىپكە ھەقىقىي قىزىقىدىغان ياكى قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا، مۇشۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىش دەرىجىسىنى ئۆلچەپ باقسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تەتۈر يۆنىلىشلىك شاللاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان، قوبۇل قىلالمايدىغان كەسىپلەرنى تاللاپ چىقىش لازىم.

  ئۇنىڭدىن باشقا، كەسىپ تاللىغان ۋاقىتتا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالىغىمۇ قاراش كېرەك. كەلگۈسىدە بۇ كەسىپتە ماگېستىرلىققا ئىمتىھان بېرىش، چەتكە چىقىپ ئوقۇش جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى ۋە كەمچىلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك. كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىستىقبالىغا قارىتا، لىن زېخۈي مۇنداق مەسلىھەت بەردى: بىر كەسىپنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىستىقبالىنى تەكشۈرگەندە، بۇ كەسىپتە ئۈچ-تۆت يىلدىن كېيىن خىزمەتكە ئاسان ئورۇنلاشقىلى بولامدۇ؟ دېگەننى ئويلىشىش، ھازىرقى ۋاقىتنى ئويلاشماسلىق كېرەك. بۇ جەھەتتە، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ساھە، نۇقتىلىق مەبلەغ سالىدىغان ساھەلەرنى ئويلىشىشى لازىم.

  مەكتەپ تاللاشتا كۆپ نۇقتىدىن ئويلىشىش لازىم

  مەكتەپ تاللاش جەھەتتە، لىن زېخۈي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا مۇنداق مەسلىھەت بەردى: ئالدى بىلەن ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى چۈشىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى (招生简章) ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامى (招生章程) نى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش لازىم، ئىككىسى قارىماققا ئوخشىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن كۆپ پەرقى بار. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ھەر بىر ماددىنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ، كەسىپ چەكلىمىسى قاتارلىق شەرتلەرنىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  لىن زېخۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەكتەپ تاللىغاندا، كۆپ نۇقتىدىن ئويلىشىپ، ئالدى بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس، 2-كۇرس ياكى مەخسۇس كۇرس مەكتىپى ئىكەنلىكى ياكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ ياكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ تارىخىغا قاراش كېرەك، ئاخىرقى مەزگىلىدە قايسى ئالىي مەكتەپلەرگە قوشۇۋىتېلگەن، مۇستەقىل مەكتەپمۇ، مەكتەپنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆز مۆلچەرىگە ئۇيغۇنمۇ-يوق، ئۆزىنىڭ كىلىماتقا ماسلىشالايدىغان-ماسلىشالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك. مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرىنى تاللىغاندا، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەخسۇس كۇرۇستىن تولۇق كۇرۇسقا ئۆرلەشكە بولامدۇ-يوق، مەخسۇس كۇرۇستىن تولۇق كۇرۇسقا ئۆرلەش مېخانىزمى بىۋاسىتە ئۆرلەشمۇ ياكى كۆرسەتكۈچ چەكلىمىسىگە ئۇچرامدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى زۆرۈر.

  لىن زېخۈينىڭ كۆپ يىللىق ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدا ھېس قىلىشىچە، مەكتەپ تاللىغاندا، سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىشقا بولىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ «ئىمتىھان سىزىق پەرقى» بىلەن ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ «ئىككى سىزىق پەرقى»نى سېلىشتۇرۇپ، قايسى مەكتەپلەرنىڭ «ئىككى سىزىق پەرقى»گە يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇشۇ مەكتەپلەرنى ئۆزىنىڭ تاللاش دائىرىسىگە كىرگۈزسە بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئىمتىھان سىزىق پەرقى» دېگىنىمىز، ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئالغان نومۇرىدىن ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئالاقىدار كەسىپلەرگە ماس تۈركۈمنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى (قىسقارتىپ تۈركۈم نومۇر چېكى دېيىلىدۇ)نى ئېلىنمىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ «ئىككى سىزىق» چېكى دېگىنىمىز، مەكتەپنىڭ ھەر يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى (قىسقارتىپ مەكتەپنىڭ نومۇر چېكى دېيىلىدۇ) بىلەن «تۈركۈم نومۇر چېكى»نىڭ ئېلىنمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئاخىرىدا، لىن زېخۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى شىنجاڭدا تولۇق كۇرس بىرىنچى، ئىككىنچى تۈركۈمى ۋە مەخسۇس كۇرس تۈركۈمىدە يەنىلا پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ، قوبۇل قىلغاندا، ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇ تەرتىپى بويىچە نۆۋەت بويىچە ئىزدەپ قوبۇل قىلىنىدۇ، پەقەت بىر قېتىملىق ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش پۇرسىتى بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم ئۆزى بېرىشنى ئەڭ خالايدىغان مەكتەپنى ئەڭ ئالدىغا يېزىپ، كەينىگە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى تەرتىپى بويىچە تەرتىپىنى تۆۋەنلىتىپ تىزىش لازىم.ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى «تەڭشەشكە قوشۇلۇش» تاللىشىغا نىسبەتەن، لىن زېخۈي مۇنداق دېدى: ناۋادا ئوقۇغۇچى بۇ تاللاش تۈرىنى تاللىسا، ئۆزىنىڭ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوقۇم تەڭشەش بويىچە مەكتەپكە كىرىش مەسئۇلىيىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لىن زېخۈي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇ تاللاش تۈرىنى تاللاپ قويۇشىنى، شۇ ئارقىلىق قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر