باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: ھۆكۈم-كېسىم يازمىلىرىدا قانۇنىي ئاساسنى ئېنىق ئىزاھلاش، ئەقلىي يەكۈننى ئېنىق ئېيتىش كېرەك

2018.06.13 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا «ھۆكۈم-كېسىم يازمىلىرىدا قانۇنىي ئاساسنى ئىزاھلاش، قائىدە سۆزلەشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى. ھۆكۈم-كېسىم يازمىلىرىدا قانۇنىي ئاساسنى ئىزاھلاش، قائىدە سۆزلەش ئىسلاھاتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى ۋە سوت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئەدلىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئوبرازىنى نامايان قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر» دە مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈم-كېسىم يازمىلىرىدا قانۇنىي ئاساسنى ئىزاھلاش، قائىدە سۆزلەشتىكى مەقسەت: ھۆكۈم-كېسىم يەكۈنىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە يوللۇق سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ھۆكۈم-كېسىمنىڭ قوبۇل قىلىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ئاساسلىق قىممىتى ھۆكۈم-كېسىم ھەرىكىتىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرۈش، ھۆكۈم-كېسىمنىڭ ھەق-ناھەقنى ئايرىپ تالاش-تارتىشنى توختىتىش ۋە قىممەت قارىشىنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ.

  «پىكىر» دە ھۆكۈم-كېسىم يازمىلىرىدا ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قانۇنىي ئاساسنى ئېنىق ئىزاھلاش، ئەقلىي يەكۈننى ئېنىق ئېيتىش ۋە مەزمۇنى، تىلىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق قائىدە سۆزلەش، پاكىتنى بېكىتىپ قائىدە سۆزلەش، قانۇننى تەدبىقلاپ قائىدە سۆزلەش، ئەركىن جازا ئۆلچەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ قائىدە سۆزلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر