باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق ھەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى چۈشۈرۈلدى

30 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2018.06.13 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەلىم-تەربىيە باشقۇرۇش بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىللىق ھەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى يېقىندا چۈشۈرۈلگەن، 26 مەكتەپ 30 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 12 مىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، 5500 ئوفىتسېرلىق بويىچە تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچى، 13 مىڭ كەسپىي ئەسكەرلىك بويىچە تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.

  ئوفىتسېرلىق بويىچە تەربىيەلىنىشكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى پىلانى 2018-يىلىدىكى ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە مايىللاشتۇرۇلۇپ، ئىشتاتلىق گۇرۇپپا- ۋىزۋودتىكى ئەسكەر تايانچلىرىنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش نىسبىتى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدىكەن.

  2018-يىلى ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي ئەسكەر ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش پىلانى ھەربىي ئىشلار ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر قايسى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش، ۋەزىپىدىكى قىسىملار ۋە يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېھتىياجغا قاراپ تەربىيەلەش، تەربىيەلەش-ئىشلىتىش بىردەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشنى پۇختا تەشكىللەيدۇ. ئەدەن قولتۇقى، سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سۇ قاتنىشىنى قوغداش ۋە مالىدا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلار، شۇنىڭدەك ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتقا قاتناشقان ۋە ئالاھىدە كەسىپلەردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا، تىزىملىتىش شەرتى 2014-يىلى ياز ۋە كۈز پەسلىدە ھەربىي سەپكە كىرگەن كەسپىي ئەسكەرلەرگىچە قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ھەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىدە «قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى»نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسەت، بەلگىلىمىلەر، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ لاياقەتلىك بولۇشى، ئىمتىھان نەتىجىسى، قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى، ئەرز قىلىش يوللىرى ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ھەيدەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىش ھەمدە 26 ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» ئۇچۇر سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر