خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىمپورت قىلىنغان ۋولۋو ئاپتوموبىللار قاچىلانغان «چاڭئەن» ناملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىئەن پورتىنىڭ شىئەن تۆمۈريول كونتېينېر مەركىزىي بېكىتىگە يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى، ئىمپورت قىلىنغان 160 ئاپتوموبىل جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «چاڭئەن» ناملىق ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىش مەخسۇس پويىزى بىلەن شىئەن پورتىنىڭ شىئەن تۆمۈريول كونتېينېر مەركىزىي بېكىتىگە يېتىپ كەلدى. بۇ مەخسۇس پويىز بېلگىيەنىڭ گېنتتىن يولغا چىقىپ، 16 كۈندە 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، شىئەن پورتىغا يېتىپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى