باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بوران-چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش

___ «خەلق گېزىتى» نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئاتاپ

2018.06.14 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپى ۋۇفاڭ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىدا خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ھەيۋەتلىك، زامانىۋى باسما مەركىزى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

  1-قەۋەت چوڭ زالدا، 88 ياشلىق فەن شوۋتيەن ئەينەك ئىچىدىكى ئەينى يىلى ئۆز قولى بىلەن چىقارغان «خەلق گېزىتى»نىڭ تۇنجى سانىنى كۆرۈپ، خىياللىرى يەنە 70 يىل ئىلگىرىكى ئۇرۇش ئوتلىرى يېنىپ تۇرغان باش يازغا ئۇچۇپ كەتتى.

  1948-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا، 18 ياشلىق فەن شوۋتيەن يۈك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ خېبېي ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيەسىنىڭ بەش كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدىكى لىجۇاڭ بازىرىغا باردى. بۇ ياش باسما ئىشچىسى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە «خەلق گېزىتى»نىڭ تۇنجى سانىنى چىقاردى. ئۇ: تاكى 15-ئىيۇن سەھەرگىچە ئىشلىدۇق، ئەتىگەندە گېزىت بېسىلىپ چىقىشى بىلەنلا كالا ھارۋىسىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى، دېدى.

  شۇ كۈندىن باشلاپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن بۇ گېزىت مانا ھازىرغىچە نەشر قىلىنماقتا.

  70 يىل، 25541 سان، 25541 كېچە-كۈندۈز، «خەلق گېزىتى» بوران- چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي، پارتىيە ۋە خەلققە ھەمدەم بولۇپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ قاينام-تاشقىنلىق يىللىرىنى بىرلىكتە بېسىپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى دەۋرگە بىرلىكتە قەدەم قويدى.

  70 يىل، قوغۇشۇن بىلەن مەش، لازېر نۇر بىلەن كومپېيۇتېردىن رەقەم تېخنىكىسى ۋە تورغىچە، يېرىم فورمات ئىككى بەتلىك گېزىتتىن 800 مىليون مۇشتەرىسى بار تاراتقۇلار جەمگاھىىغىچە، تاراتقۇ شەكلىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيە گېزىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى باشتىن-ئاخىرغىچە ئۆزگەرمىدى.

  «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى <خەلق گېزىتى>دىن مەنىۋى كۈچ ۋە <تەڭپۇڭلۇق> ئىزدەيدۇ» باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 19-فېۋرال خەلق گېزىتخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ جانلىق، ئىخچام بايانى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورگان گېزىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىغا ئېنىقلىما بەردى.

  مىليونلىغان ئىشچى-دېھقاننى ئويغىتىپ بىر نىيەتتە ئىشلەش

  «ئەسلىدە ئېتىقادنىڭمۇ تەمى باركەن، ھەتتا قارا شېكەردىنمۇ تاتلىقكەن» 2012-يىلى 27-نويابىردىكى «خەلق گېزىتى»نىڭ 4-بەت «خەلق مۇنبىرى» مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «ئېتىقادنىڭ تەمى» دېگەن ئوبزوردا، پۈتۈن زېھنىنى قويۇپ قېتىرقىنىپ ئىشلەيدىغان چېن ۋاڭداۋ تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نى تەرجىمە قىلىۋاتقاندا سىياھنى خاتا ھالدا شېكەر سۈيى دەپ قېلىپ، تاڭزۇڭزىنى چىلاپ يېگەنلىكى سۆزلەنگەن.ئىككى كۈندىن كېيىن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، نەق مەيداندىكى يولداشلارغا بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى ۋە «ھەقىقەتنىڭ تەمى بەك تاتلىق» دەپ تەكىتلىدى.

  خەلق ئېتىقادلىق بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇدىغان ئۇلۇغۋار كۈچىگە ئايلاندۇرۇش «خەلق گېزىتى»نىڭ بۇرچى، شۇنداقلا «خەلق گېزىتى»نىڭ مەسئۇلىيىتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر