باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن- ئامېرىكا رەھبەرلىرى قوشما بايانات ئىمزالاپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش تىنچلىق نىشانىنى مۇقىملاشتۇردى

2018.06.13 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئون بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 12- ئىيۇن سېنگاپوردا چاۋشيەن ۋە ئامېرىكا ھازىرقى رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى ھەم قوشما باياناتقا بىرلىكتە ئىمزا قويدى.

  چاۋشيەن رەھبىرى باياناتتا يېڭىچە چاۋشيەن- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا ۋەدە بەردى ۋە بۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇن دەپ قارىدى؛ ئىككى دۆلەت بىرلىكتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم، تىنچلىق مېخانىزمىنى تىرىشىپ ئورنىتىدۇ، دېدى. ترامپ چاۋشيەننى خەۋپسىزلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىشقا ۋەدە بەردى، كىم جوڭئون «چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى تەكتىلىدى. ئۇچرىشىش نەتىجىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ.

  كىم جوڭئون ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا: بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى»نى كۈتۈۋالىدۇ، دېدى. ترامپ مۇنداق كۆرسەتتى: قوشما باياناتنىڭ مەزمۇنى«كەڭ دائىرىلىك» بولدى، ئامېرىكا- چاۋشيەن ئىلگىرىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ۋەزىيەتكە قەدەم قويىدۇ.

  خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئالقىشلىدى، چاۋشيەن- ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىق مېخانىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى ئورنىتىشتا ئەمەلىي قەدەم ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر