باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ نام-شۆھرىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن تۇنجى دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، بىر تورداش ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشقا ھۆكۈم قىلىندى

2018.06.13 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىدە 12-ئىيۇن مۇنداق خەۋەر بېرىلدى: خۇەيئەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئورگىنى دەۋا قىلغان مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش جامائەت مەنپەئەتى دېلوسىغا 12-ئىيۇن خۇەيئەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاشكارا سوت ئېچىپ قاراپ چىققان ھەم سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار زېڭ xxx نى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇپ يەتتە كۈن ئىچىدە شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تاراتقۇدا ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرىغان. سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار زېڭ xxx ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى بىلەن جاۋابكار زېڭ xxx جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسىنىڭ سۇبيېكتى، دېلونىڭ ئاساسىي پاكىتلىرى، ئىجتىمائىي جامائەت پەنپەئىتىگە كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە جاۋابكار ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جاۋابكارلىق قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ بىر-بىرلەپ دەلىل-ئىسپات كۆرسەتكەن، يۈزلەشتۈرگەن، مۇنازىرە قىلغان.

  تەپتىش ئورگىنى كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىل 12-ماي چۈشتىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىسى شيې يۇڭ خۇەيئەن شەھىرىنىڭ مەلۇم مەھەللىسىدە ئادەم قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا بەختكە قارشى قۇربان بولغان، ئارقىدىن ج خ ئورگىنى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ بېكىتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ھالبۇكى، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئائىلە-تائابىئاتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئامما قايغۇغا چۆمگەن 14-ماي كەچتە، تورداش زېڭ xxx ئىنقىلابىي قۇربان شيې يۇڭنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولغىنىغا قارىتا، ئۈندىدار توپىدا چەكتىن ئاشقان، ھاقارەت خاراكتېرلىك سۆزنى ئېلان قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربان شيې يۇڭنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان پاكىتىنى بۇرمىلىغان ھەم «قولغا ئېلىنىش ئەمەس، ھەتتا تۈرمىدە يېتىشتىنمۇ قورقمايمەن» دېگەن.

  بۇ دېلو «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» 1-ماي رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. خۇەيئەن شەھەرلىك تەپتىش مەھىكمىسى بۇ دېلو يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان دەرھال دېلوغا ئارىلىشىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 21-ماي جياڭسۇ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، خۇەيئەن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە زېڭ xxx ئۈستىدىن ھەق تەلەپ جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى قىلىشنى قارار قىلدى، سوت مەھكىمىسى 22-ماي بۇ دېلونى قوبۇل قىلدى.

  جاۋابكار زېڭ xxx ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھاقارەت خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى ئېلان قىلغىنىغا چوڭقۇر پۇشايمان قىلىپ، سوتتا كەچۈرۈم سوراش خېتىنى ئوقۇپ، ئىنقىلابىي قۇربان شيې يۇڭنىڭ ئائىلە-تائابىئاتلىرى ۋە جامائەتنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر