باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە پىكىر بېسىپ تارقاتتى

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2018.06.13 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يېقىندا «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە يادرولۇق تېخنىكا ئىقتىدارى گەۋدىلىك، توپلانما يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، كەسىپلەر ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردە بىر تۈركۈم «يوشۇرۇن چىمپىيون» ۋە «كەركىدان» كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، مېخانىزىمدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈرلەرنى يولغا قويۇش، سۇپا قۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن-تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، ئارمىيە بىلەن خەلق بىرلىشىش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىقلار ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى تولۇق قوللاپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا ۋە ئوتتۇرا-كىچىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى بېكىتىش، تەتقىقات سېلىنمىسىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش ۋە شەكىلسىز مۈلۈكنى باجدىن بۇرۇن بۆلۈپ چىقىرىۋېتىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، پەن-تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش زايومى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زايومى سىياسىتىنى رايون ھالقىپ قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زايومىدىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى سېتىۋېلىشى، يېڭىلىق يارىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىنى قوللاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر