خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى «دياۋيۈتەي» دۆلەت مېھمانسارىيىدا پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېل بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەت. جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتى. بولۇپمۇ 2014-يىلى مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى تارىختىكى يېڭى سەۋىيەگە يەتتى. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسى تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى