باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى 22- ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارغا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىكەن

2018.06.22 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 20- ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ پولات–ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشتەك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى، مۇزاكىرە نەتىجىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان قىممىتى 2 مىليارد 800 مىليون ياۋرولۇق مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش قارار قىلىندى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش قارار قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئاساسەن ئامېرىكا پولات–ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارغا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش قىلمىشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مارمۇس تىلۇن شۇ كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ «ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن ۋە ئادىل بولمىغان» قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقىقا باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى قالدۇرمىدى، دېدى.

  ئامېرىكا سودا مىنىستىرى روس 5- ئاينىڭ 31- كۈنى پىكىر بايان قىلىپ، 1- ئىيۇندىن باشلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە مېكسىكىدىن كەلگەن پولات–ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %25 ۋە %10 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر