باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

يىغىندا مەركەزنىڭ 2017-يىللىق نەقچوت ئەھۋالى، 2017-يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى

2018.06.21 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 20-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن بولۇپ 189 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنستىرى ليۇ كۈن گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن 2017-يىللىق مەركەز نەقچوتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ 2017-يىللىق نەقچوت ئەھۋالى ئومۇمەن خېلى ياخشى بولدى. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 8 تىرىللىئون 112 مىليارد 336 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %103.2 ىنى ئىگىلىدى. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 9 تىرىللىئون 490 مىليارد 893 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %99.1 ى ئورۇندالدى. مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى 1 تىرىللىئون 550 مىليارد يۈەن بولۇپ، خامچوت بىلەن تەڭلەشتى. كېيىنكى قەدەمدە خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى قوللاپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى تېزلىتىلىدۇ.

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى خۇ زېچۈن گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن 2017-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. مەركەز نەقچوت لايىھەسى ۋە خامچوت باشقۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالى، مەركەز تارماقلىرىنىڭ خامچوت ئىجراسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالى، چوڭ-چوڭ مەخسۇس مەبلەغلەر ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ئالاقىدار ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالى، چوڭ-چوڭ سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرىلىشىنى ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالى، پۇل مۇئامىلە ۋە كارخانىلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەۋالىنى بىر-بىرلەپ دوكلات قىلدى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچى ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ دوكلات قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتىدا تۆۋەندىكى تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: مالىيە بايلىقىنى سەپلەش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئالاقىدار يانداش تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر