باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش مۇقىم، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۈپىتى يۇقىرى بولدى

__ جۇڭگو مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ خوۋيۈەننى زىيارەت

2018.06.21 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، «جۇڭتيەن» پەن-تېخنىكا ماراكەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى ماراكەشنىڭ تانگېر ئاپتوموبىل شەھىرى باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىچكى كابېل كەسپىنىڭ باشلامچىسى بولغان «جۇڭتيەن» پەن-تېخنىكا ماراكەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاساسلىقى ئۆتكۈزگۈچ سىم ۋە ئوپتىكىلىق كابېل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ جاينىڭ يوللاش لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىنى قولايلىق ئالاقە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ خوۋيۈەن مۇنداق دېدى: چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى، شۇنداقلا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم تۈرتكە. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشىدا تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى سۈپىتى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈردىكىلەرنىڭ چەت ئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 47 مىليارد 890 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.5 ئېشىپ، ئۇدا يەتتە ئاي ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  شىڭ خوۋيۈەننىڭ قارىشىچە، بۇ يىل، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى روشەن ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن:

  بىرىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق يۆنىلىش نىشانى گەۋدىلىك بولىدىكەن. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 54 دۆلەتكە يېڭىدىن كۆپەيتكەن مەبلىغى 5 مىليارد 930 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان؛ يېڭىدىن ئىمزالانغان تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشى توختام سوممىسى 36 مىليارد 220 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي سوممىنىڭ %42.4 ىنى ئىگىلىگەن، تىجارەت سوممىسى 30 مىليارد 740 مىليون دوللار ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي سوممىنىڭ %54 ىنى ئىگىلىگەن.

  ئىككىنچى، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش كەسىپ قۇرۇلمىسى سىجىل سەرخىللاشتۇرۇلغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئاساسلىقى ئىجارىكەشلىك ۋە سودا مۇلازىمىتى، ياسىمىچىلىق، كانچىلىق، توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش كەسپىگە يۈزلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %29.9، %15، %12.3، %7.6 نى ئىگىلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ۋە ساھىبخان دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر