باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى سەپتىكى شەھەرلەر ئېشىنچىنى تۈگىتىشنى تېزلاشتۇردى

ئۆي-زېمىن بازىرىدا ئېشىنچىنى تۈگىتىش كۆلىمى ئالتە يىل بۇرۇنقى ھالەتكە بېرىپ قالدى

2018.06.20 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلاردىكى شەھەرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ رول ئوينىشى بىلەن، ئۆي - زېمىن كەسپىدىكى ئېشىنچىنى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېقىندا، يىجۈ ئۆي-زېمىن تەتقىقات ئورنى مەملىكەت بويىچە 100 شەھەردىكى يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ زاپاس سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن 100 شەھەردىكى تۇرالغۇ زاپاس قالدۇقى ئومۇمىي مىقدارى 42 مىڭ 708 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى % 1.6 پىرسەنت كېمىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.2 كېمەيگەن. ئۇنىۋېرسال تارىخىي سانلىق مەلۇماتقا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، نۆۋەتتە 100 شەھەردىكى تاۋار ئۆي زاپاس كۆلىمى ئاللىقاچان 2012-يىلى 3-ئايدىكى ھالەتكە قايتىپ بولغان.

  يىجۈ تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى-تۆتىنچى سەپتىكى 100 شەھەردە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ زاپاس ئومۇمىي مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 20 مىليون 990 مىڭ كىۋادرات مېتىر، 220 مىليون 610 مىڭ كىۋادرات مېتىر ۋە 185 مىليون 480 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولغان، زەنجىرسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش قىممىتى ئايرىم-ئايرىم -1.8% ، -1.9% ۋە -1.2% بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش قىممىتى ئايرىم-ئايرىم 3.1%- ، 10.3%- ۋە -6.1% بولغان.

  يىجۈ تەتقىقات ئورنى ئاقىللار ئامبىرى مەركىزىنىڭ تەتقىقات باش نازارەتچىسى يەن يۆجىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئۈچ تۈردىكى شەھەرلەردە ئۆي زاپىسى كۆلىمى ئازلىغان بولۇپ، بۇ، 5-ئايدىكى بازار سودا ھالىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش نىسبىتى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان.

  يەن يۆجىن يەنە مۇنداق دېدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆي ئېشىنچا زاپىسىنى ئازايتىش سىياسىتى ۋە ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ تېز ئوبورۇت قىلىش تەدبىرى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ زاپاس ساقلىنىش كۆلىمىگە ئۇنىۋېرسال تەسىر كۆرسەتكەن. 5-ئايدا ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ يېڭى ئۆينى بازارغا سېلىش قەدىمى روشەن تېزلەشكەن، بۇ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  5-ئايدا، 100 شەھەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 44 مىليون 820 مىڭ كىۋادرات مېتىر، سودا پۈتۈشۈش كۆلىمى 51 مىليون 610 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولغان. ئۆي بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن تۆۋەن بولۇش ھالىتى كۆرۈلگەن، نۆۋەتتە بۇ ھالەت ئۇدا ئالتە ئاي داۋاملاشقان. ساقلىنىش زاپىسى قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 5-ئايدا، 100 شەھەردىكى تاۋار ئۆي زاپاس مىقدارى ۋە سېتىلىش نىسبىتى 9.8 ئاي بولغان، بۇ، بازارنىڭ يەنە 9.8 ئاي ۋاقىتتا ھازىرقى زاپاس مىقدارىنى ئىستېمال قىلىپ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر