باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ «بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش» تەدبىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇدى

2018.06.21 13:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 20-ئىيۇن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىدا چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلەرنى تۇتقان چاغدا قوللىنىدىغان «بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش» تەدبىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇدى.

  ترامپ شۇ كۈنى ئىمزا قويغاندا: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا داۋاملىق «تاقەت قىلماسلىق» سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن چىگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلەر ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە قاماپ قويۇلىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەر ئەمدى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ، دېدى.

  ترامپ: بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق پارلامېنتنى «بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېدى.

  ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4- ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەرنى تۇتقاندا، 1995 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەجبۇرىي ئايرىۋەتكەن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، ئەمەلىي ئايرىۋېتىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئادەم سانىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ترامپ ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل 3-ئايدىن 5-ئايغىچە، چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈچىلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئاشقان، 5-ئايدا ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانى 40 مىڭدىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر