باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2018.06.14 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى پاناما زۇڭتۇڭى جۇئان كارلوس ۋارېلا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 6-ئايدا جۇڭگو پاناما بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. سىز بۇلتۇر 11-ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز جۇڭگو-پاناما مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدۇق ۋە پىلانلىدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى بىلەن، جۇڭگو-پاناما مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇرۇقى پورەكلەپ ئېچىلىپ مېۋە بەرمەكتە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ چىقارغان توغرا سىياسىي ھۆكۈمى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىردەك ھېمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. مەن جۇڭگو-پاناما مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىز بىلەن بىللە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-پاناما مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر