باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت باش كاتىپى بالىلارنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىۋېتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.06.19 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس 18-ئىيۇن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بالىلارنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك باياناتىدا مۇنداق دېدى: گۇتېررېسنىڭ قارىشىچە، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرگە ئىززەت-ھۆرمەتلىك مۇئامىلە قىلىش كېرەك، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش سەۋەبلىك روھىي جاراھەتكە دۇچار قىلىشقا بولمايدۇ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ جەم بولۇشىنى قوغداش كېرەك.

  دىيارىك شۇ كۈنىدىكى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا: گۇتېررېسنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشى كونكرېت مەلۇم دۆلەتكە قارىتىلغان ئەمەس، گۇتېررېس ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىدا يۈز بەرگەن ئىشتىن ئەنسىرىمەكتە، دېدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن ئالتە ھەپتىدە، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا جەمئىي 2000غا يېقىن بالا قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكەن ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر