باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىمپورت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە تاشقى سودىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بەلگىلەندى

2018.06.14 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 13-ئىيۇن گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىمپورت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە تاشقى سودىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بەلگىلەندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، «ئاتموسفېراغا دائىر 10 ماددا» نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، ھاۋا سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاش ئاساسىدا، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ھەم ئەتراپتىكى رايونلار ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ قويۇقلىقىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش كېرەك. بىرىنچى، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلاردا پولات-تۆمۈر، كوكسلاش، ئېلېكترولىزلاش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىنچىلىقىنى چەكلەپ، ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۆمۈرنى پارچە سېتىشنى تۈزەش كېرەك. تۆمۈر يول ترانسىپورت نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. 20 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن ئىچكى دەريا ترانسىپورت كېمىلىرىنى شاللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە دۆلەت-6 ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان بېنزىن ۋە دېزىل بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلىنىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىپ ئېچىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يېشىل مۇھىت ئاسراش كەسپىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، بۇلغىنىشنى ئىلمىي، مۇۋاپىق، تەدرىجىي، ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلاردا كۆمۈر ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى داۋاملىق تىزگىنلەپ، ئۆلچەمسىز كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازانلارنى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك شاللاش كېرەك. مۇقىم بۇلغاش مەنبەسى بار بارلىق كارخانىلارنى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمى بىلەن قاپلاپ، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي تۈزەش كېرەك. چاڭ-توزان، ئۈستى ئوچۇق كانلارنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شاخ-شۇمبىلارنى كۆيدۈرىۋېتىش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىمالدىكى رايونلاردىكى ئاممىنىڭ بىخەتەر ئىسسىنىپ قىشنى چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مۇھىت ئاسراش قانۇنى ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى، دېزىل يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ بۇلغىشى، سانائەت ئوچاق خۇمدىنىنى تۈزەش ۋە پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىلارنى تۈزەش قاتارلىق چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. قانۇن-بەلگىلىمە ئۆلچىمى ۋە مۇھىت نازارەتچىلىكى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ۋە باھالاپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ كۆك ئاسماننى قوغداش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر