باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەۋزەل كەسىپلەردە ياخشى ئۈنۈم

2018.06.13 14:55   مەنبە: خەلق تورى

ئەۋزەل كەسىپلەردە ياخشى ئۈنۈم

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلجامال توختى خەۋىرى) يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى كەلەيماق كەنتىدىكى قۇربان ياسىن، تۇردى تۇرسۇن مەھەللىسىدىكى «ئىناق» باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئايدا 2000 يۈەندىن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى. بۇ، بۇ ناھىيەنىڭ ئېشەك باقمىچىلىقى، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش، پارنىك كۆكتاتچىلىقى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەۋزەل كەسىپ سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى.

  بۇ ناھىيە ئېشەك باقمىچىلىق كەسپىنى ياخشى تەرەققىيات يولىغا باشلاش، دېھقانلارنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن بەشنى قۇردى، ھاۋالىلىك بېقىش ۋە ھەمكارلىشىپ پايدا تەقسىملەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا، ئېشەك باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دېھقانغا نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىشى، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلىشى ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى. ھەمراھ زاۋۇتلارنىڭ، باقمىچىلىق، ياغاچچىلىق، تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ سودا- مۇلازىمەت كەسپى ۋە كۆپ خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللىدى.

  يەكشەنبە بازار بازىرىنىڭ پارلاق كەنتىدىكى بۇزۆھرە كېرەم كەنتتىكى «جۇڭچېڭ» كىيىم-كېچەك شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، ئايدا 1800 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلالايدىغان بولدى. بۇرۇن ئۇ ئېرىنىڭ تاپقىنىغا قاراشلىق ئىدى، ھازىر بۇزۆھرە كېرەممۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن بالدۇراق قۇتۇلۇشقا ئاساس سالدى. «جۇڭچېڭ» كىيىم-كېچەك شىركىتى يېزا-كەنتلەردىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەش شارائىتى يوق دېھقانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، يەكشەنبە بازار بازىرىنىڭ پارلاق كەنتىدە زاۋۇت قۇرۇپ، نۇرغۇن ئاچا-سىڭىللارنى ئۆيى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  يوپۇغا بازىرىنىڭ توغرا ئۆستەڭ كەنتىدە بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە يېتىشتۈرۈلگەن ئالتە پارنىكتىكى قېرىنقۇلاق ناھايىتى ياخشى ئۆسكەنىدى. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كېۋەز تېرىپ كەلگەن پاتەمنىسا ئوبۇل تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تۇنجى قېتىم قېرىنقۇلاق ئۆستۈرگەنىدى. ئۇ ئالدىنقى بەش ئايدا 200 كىلوگىرام قېرىنقۇلاق قۇرۇتۇپ، كىلوگىرامىنى 75 يۈەندىن سېتىپ، 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، ئىنتايىن خۇش بولدى.

  بۇ ناھىيە بۇ يىل ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى مۇھىم يول سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىلىرى + بازار» ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى نامرات كەنت، نامرات دېھقانلارغىچە ئۇزارتتى. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يېڭى تەرەققىيات يولى ئاچتى.

  يوپۇغا بازىرىنىڭ توغرا ئۆستەڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەر خېلى بۇرۇنلا كۆلەملىك پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. بىراق دېھقانلارنىڭ بازارنى چۈشەنمەسلىكى، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتەلمەسلىكى پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى چەكلەپ تۇرغانىدى. بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارنىك تېرىقچىلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە ئۆتۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سورت تاللاش، تېرىپ ئۆستۈرۈش، بازار ئېچىش-كېڭەيتىش قاتارلىق ھالقىلاردا قېلىپلاشقان مەشغۇلاتنى ئومۇملاشتۇردى. ھازىر پارنىكلاردا تېرىلغان سەي كاۋىسى، چەيزە قاتارلىق كۆكتاتلار بازارغا سېلىندى. بۇ كەنتتىكى زەينىگۈل روزى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر پارنىكتا سەي كاۋىسى تېرىپ، خېلى ئوبدان كىرىم قىلغانىدىم، بۇ يىل تېخنىكلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن پارنىكقا تېرىغان كۆكتاتلىرىم بىر ئاي ئىچىدە بازارغا سېلىندى، ھازىر 3000 يۈەنلىك كۆكتات سېتىپ بولدۇم، يەنە 3000 يۈەنلىك كۆكتات سېتىشقا كۆزۈم يېتىدۇ. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانساق ھەقىقەتەن ياخشىكەن.

  يوپۇغا بازارلىق يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غېنى نۇر مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا «كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەۋزەل كەسىپلەرنى يولغا قويساق دېھقانلارنىڭ كىرىمىمۇ ئاشىدىكەن. شۇڭا، بۇ يىل كۆكتاتچىلىق قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتتۇق. بازىرىمىزد 1074 پارنىك بار، 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ پارنىكتا مايسا يېتىشتۈردۇق، 3-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن پارنىكلارغا مايسا كۆچۈردۇق، ھازىر پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلىرىمىز بازارغا سېلىندى، سېتىلىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بازىرىمىزنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆكتاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر