باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ئېلېكترونلۇق سودا قانۇنى لايىھەسى داۋاملىق قاراپ چىقىلدى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى تۈزىتىلمىسى لايىھەسى قاتارلىقلار تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلدى

2018.06.20 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 19-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 170 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىن بەرگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شەخسلەر پارچە-پۇرات ئاز سوممىلىق سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھاجەتسىز قاتارلىق بەلگىلىمىلەر قوشۇلۇپ، يۆنىلىشلىك يوللاش، تاۋارنى تېڭىپ سېتىش، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇش، ئەندىزىلىك توختام قاتارلىقلار قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ بازارنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشىغا، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسىنىڭ سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ باشقا سۇپىلاردا تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنى مەنئى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارغا بولغان مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ۋە كونكرېتلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شېن چۈنياۋ بەرگەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئىككى تۈزىتىش لايىھەسى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى بىرمۇ بىر قاراپ چىقىپ، يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شېن چۈنياۋ چۈشەنچە بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر