19- ئىيۇن كۈنى، يىپەك يولى خەلقئارا گۈزەل سەنئەت سارىيى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇراسىمىدا جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ باشلىقى ۋۇ ۋېيشەن سۆز قىلىپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئىپادە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، يىپەك يولى خەلقئارا گۈزەل سەنئەت سارىيى ئىتتىپاقى بېيجىڭدا قۇرۇلدى. روسىيە، گرېتسىيە، ۋېنگرىيە، ئۇكرائىنا ۋە ۋيېتنام قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى 18 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋە نۇقتىلىق گۈزەل سەنئەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ بىر پەيىتكە گۇۋاھچى بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى