باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى

2018.06.20 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ 50 مىليارد دوللارلىق باج ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يەنە ھەددىدىن ئېشىپ، 200 مىليارد دوللارلىق باج ئېلىش تىزىملىكى تۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى. بۇنداق ھەددىدىن زىيادە بېسىم ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش ئۇسۇلى ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىغا زىت بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى. ئامېرىكا ئەقلىدىن ئېزىپ، تىزىملىكنى ئېلان قىلسا، جۇڭگو مىقدار ۋە سۈپەت جەھەتتە بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا قوزغىغان سودا ئۇرۇشى بازار قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولۇپ، ھازىرقى دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش شۇنداقلا ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن تاقابىل تۇرىدۇ. سىرتقى مۇھىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بېكىتىلگەن رىتىم بويىچە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر