باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شىزاڭدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈشنىڭ تۇنجى تۈرى يولغا قويۇلدى

2018.06.20 14:50   مەنبە: خەلق تورى

شىزاڭدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈشنىڭ تۇنجى تۈرى يولغا قويۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 17- كۈنى نىما ناھىيەسى رۇڭما بازىرىدىكى يۇرتداشلار ماشىنىغا ئولتۇرۇپ لخاسادىكى يېڭى ئۆيلىرىگە كۆچۈشكە باشلىدى. 6- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى كۈنلۈك يول يۈرۈش ئارقىلىق، 11 ئاپتوبۇس ۋە 31 يۈك ئاپتوموبىلى لخاسا شەھىرىدىكى دۈيلوڭ دېچىڭ رايونى گۇرۇڭ بازىرى گاچۇڭ كەنتىگە يېتىپ كەلدى، بۇ، شىزاڭدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈشنىڭ تۇنجى تۈرىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇ قېتىملىق سەپەر مىڭ كىلومېتردىن ئاشىدىغان بىر مەيدان ئۇزۇن سەپەر ھېسابلىنىدۇ. كۆچۈپ چىقىدىغان جايلار شىزاڭ ناگچۈ شەھىرى نىما ناھىيەسى رۇڭما بازىرى جيالىڭ جيادۇڭ كەنتى بىلەن زاڭچۈ كەنتى بولۇپ، ئۇ جايلارنىڭ لخاسا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئايرىم –ئايرىم ھالدا 1197 كىلومېتر ۋە 1247 كىلومېتر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5000 مېتردىن يۇقىرى كېلىدۇ. بۇ ئىككى مەمۇرىي كەنتتە جەمئىي 262 ئائىلىلىك بار بولۇپ، بۇ ئائىلىلەردە جەمئىي1102 ئادەم بار. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، رۇڭما بازىرى ئېگىز ھەم سوغۇق، ھەمدە ئوكسىگېن كەمچىل بىر رايون بولۇپ، ئۇ جايدا ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىكەن، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىيات شارائىتى كەمچىل بولۇپ، ئادەملەرنىڭ تۇرۇشىغا ماس كەلمەيدىكەن، كىشىلەرنىڭ ياشاش ئوتتۇرىچە ئۆمرى پۈتۈن رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر جاي چياڭتاڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۇ جاي ئېچىلىشى دۆلەت تەرىپىدىن مەنئىي قىلغان رايون ھېسابلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر