باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى تەدبىرى تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى

جۇڭگو ئىقتىسادى پۇختا قەدەم بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئاتلاندى

ماكرو ئىگىلىك تېخىمۇ مۇقىملاشتى، مىكرو ئىگىلىك تېخىمۇ جانلاندى، تەرەققىيات تۈرتكىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، بازار كۆزلىمىسى تېخىمۇ ياخشىلاندى

2018.06.19 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىنى نامايان قىلدى. يىل بېشىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  ماكرو ئىگىلىك تېخىمۇ مۇقىملاشتى. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، GDP نىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۇدا 11 پەسىل %6.7 ~ %6.9 ئەتراپىدا بولدى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، 1-پەسىلدە كۆلەملىك سانائەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %76.5 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 0.7 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى. 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.8 بولۇپ، ئايلىق ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ۋە بۇلتۇرقىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى.

  مىكرو ئىقتىساد تېخىمۇ جانلاندى. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى، تۆمۈر يول تىرانسىپورت مىقدارى قاتارلىق ئەمەلىي كۆرسەتكۈچلەر داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، بۇ كارخانىلارنىڭ كېڭىيىش تۈرتكىسىنىڭ نىسبەتەن كۈچەيگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتىلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەملىكەتتىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 مىليوندىن، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلار 31 مىليوندىن ئاشتى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، سودا مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

  تەرەققىيات تۈرتكىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق باج ھەققى «قىزىل بولاق»لىرى ئۈزلۈكسىز نەقلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرتكىسى تېخىمۇ تولۇقلاندى، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى %15 ئاشتى. كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ئۆسۈپ، مالىيە كىرىمىنىڭ سىجىل، ساغلام ئېشىشىغا مەنبەدىن كۈچ قوشۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى جەھەتلەردىكى مالىيە چىقىمى سالمىقىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  بازار كۆزلىمىسى تېخىمۇ ياخشى بولدى. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، بازار ئىشەنچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ يىل 2-پەسىللىك كارخانىچىلاردىن پىكىر ئېلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى %75.8 بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئىنت، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.4 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. 5-ئايغىچە، ياسىمىچىلىقنىڭ سېتىۋېلىش دېرىكتورلار كۆرسەتكۈچى (PMI) ئۇدا 23 ئاي %50 لىك كىرىتىك قىممىتىدىن يۇقىرى بولغان.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات يۇرتى ۋەزىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دۇ فېيلۇن مۇنداق دېدى: ھازىر، ئېلىمىز ئىقتىسادىدا ياخشى بولۇشتەك ئاساسىي ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى، شۇنداقلا ئىقتىسادتا ئىلاستىكىلىقى كۈچلۈك، ئايلىنىش بوشلۇقى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، مۇقىم ئېشىشنى ساقلايدىغان زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە مۇستەھكەم ئاساس بار، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى يەنىلا ھەرىكەتچان تەكشى تەرەققىياتتا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر