باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويدى، دېدى

2018.06.14 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 13-ئىيۇن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 68-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 200دىن ئارتۇق ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ تەييارلىقى پۈتتى، بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بۇ جايغا كېلىپ، رۇسىيەلىكلەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە مېھماندوستلۇقىدىن بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز!»

  13-ئىيۇن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنى موسكىۋا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى، يىغىندا 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخان دۆلىتى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى، مالىيە ئەھۋالى، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئاشكارا بولۇش، ئىچكى ئىسلاھات قاتارلىق مۇھىم ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قارار چىقىرىلدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تولۇق كېلىپ قاتناشتى ۋە خەۋەر قىلدى. پۇتىن يىغىننىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، ئالايىتەن كېلىپ سۆز قىلدى.

  پۇتىن ۋە ئىنفانتىنو ئۆزئارا تەرىپلەشتى. پۇتىن ئىنفانتىنونىڭ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئالاھىدە ئەھۋالدا تۇرغاندا رەئىس ئورۇنىغا چىقىپ، ھەقىقىي بىر جەڭچى ۋە ئاۋانگارتلىق روھىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەرىپلىدى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىزچىل «تەنتەربىيە سىياسىي بىلەن ئالاقىسىز» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن رازى بولدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىنفانتىنو رۇسىيەگە ئاكتىپ قاراشتا بولۇپ كەلدى، رۇسىيەمۇ بۇ خىل پوزىتسىيەنى ياقتۇرىدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ.

  ئىنفانتىنو پۇتىننى تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ بىزگە ئۇنىڭ بىلەن بىر كوماندا ئەزالىرىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىز زۇڭتۇڭ ئەپەندىمگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

  پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەزالار جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە رۇسىيەنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنىڭ بىلەن رۇسىيەمۇ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ رۇسىيەگە كېلىپ، زامانىۋى، ئىلغار مەيدان-سارايلار ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۆرۈشىنى، بىر نۆۋەتلىك سەرخىل دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دۆلەتنىڭ سېھرى كۈچىنى كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى پەقەتلا رىقابەت سەھنىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ پۇتبولدىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىدىغان، دوست بولىدىغان، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سۇپا. كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ رۇسىيەلىكلەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر