6-ئاينىڭ 13-كۈنى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. شۇ كۈنى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 68-نۆۋەتلىك يىغىنى موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندىن كېيىن، ئىنفانتىنو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو 13-چېسلا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 68-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كېلەر يىلى ئۆزىنىڭ داۋاملىق رەئىسلىك ئورنىدا ئىشلەشنى ئاكتىپ خالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئۇ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياخشى بولغان ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق سايلىمى 2019-يىلى 6-ئايدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىنفانتىنو 2016-يىلى 2-ئايدا بىلاتنىڭ ئورنىغا چىققان، ئۇ كېلەر يىلى شۇ ۋاقىتتا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىىسنىڭ يېڭى سايلىمىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ يەنە تۆت يىل ئىشلىگۈم بار، بۇنىڭ سەۋەبى مەن دەل قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ، مېنىڭ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە پۇتبول ئۈچۈن قىلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى