باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە بىر ئادەم ئۆلدى، 22 ئادەم يارىلاندى

2018.06.19 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ مەركىزى تىرېنتوندا 17- ئىيۇن سەھەردە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇنىڭدا بىر قوراللىق كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭدىن باشقا 22 ئادەم يارىلاندى.

  ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى سائەت ئىككىدىن 45 مىنۇت ئەتراپىدا بىر سەنئەت بايرىمى پائالىيىتىدە يۈز بەرگەن. تىرېنتونغا قاراشلىق مېرسېر ناھىيەسىنىڭ بىر تەپتىش ئەمەلدارى ئانجىلو ئونوفېرى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقەدە ئىككى قوراللىق ئۇنسۇر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قوراللىق كىشى نەق مەيداندا ساقچى تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلدى، يەنە بىر ئادەم قولغا ئېلىندى.

  ئونوفېرى مۇنداق دېدى: يارىدار بولغان 22 كىشى ئىچىدە، 17 ئادەم ئوق تېگىپ يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر. قالغان يارىدارلار نەق مەيداندىكى قالايمىقانچىلىقتا يارىلانغان. ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى بولسا، جېدەللىش بولۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە مەزكۇر دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سەنئەت بايرىمى پائالىيىتى ئىككى كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇ بايرام مىڭغا يېقىن تاماشىبىننى جەلپ قىلغان. ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سەنئەت بايرىمىنىڭ قالدۇق پائالىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر