باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-بولىۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى

2018.06.20 15:06   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنى خەلق سارىيىدا بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-بولىۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-بولىۋىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي پەللىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ بولىۋىيەنىڭ قەتئىي ھالدا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. بىز بولىۋىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى كەلگۈسى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستانە ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي بىر-بىرىنى قوللاپ، ھەر قايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىشىدىغان تەرەققىيات ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما، سودا، مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بولىۋىيەدىن تېخىمۇ كۆپ خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ. جۇڭگو-بولىۋىيە مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، شۇڭا مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان يېقىن ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، ب د ت ئىشلىرى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق زور خەلقئارا مەسىلىلەردە داۋاملىق ھالدا مەيدانىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورتاق ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر