باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت يىلدىن بۇيان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور پونكىتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى داۋاملىق ئاشكارىلىدى

ھالقىلىق پەيتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇشتىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

2018.06.19 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تور پونكىتى» دېيىلىدۇ) مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلدى. تور پونكىتى 3-ماي جايلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 12نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بۇ ھەم بۇ يىل يۇقىرىقى مەخسۇس سەھىپىنىڭ «ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى يولغا قويغاندىن بۇيان مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ئاشكارىلىشى. ھازىرغىچە، يۇقىرىقى مەخسۇس سەھىپە يەتتە قېتىمدا 82 مەسىلىنى مەركەزلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئەمەلىيەتتە، 2014-يىلدىن بۇيان، تور پونكىتى مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، ھالقىلىق پەيتلەرنى تۇتۇپ، يېڭى يىل، چاغان، «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىللىرىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ئاشكارىلاپ، ھازىرغىچە 4000غا يېقىن مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ھەر بىر ھالقىلىق پەيتنى چىڭ تۇتۇش، بىر باسقۇچ بىر باسقۇچتىن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قەتئىي بوشاشماسلىق كۈچلۈك سېگنالىنى تارقىتىپ، پارتىيە ئىچىدە توغرا كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھالقىلىق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك

  ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشتا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ يۈز-خاتىرە قىلماي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، قەتئىي يول قويماسلىقتەك قەتئىي پوزىتسىيەسى نامايان قىلىنىپ، «تۆت خاھىش» بويىچە نوچىلارغا تېگىش، قاتتىق تەكشۈرۈپ جازالاش ئارقىلىق، كادىرلاردا چۆچۈش، توختاش قىزىل سىزىق ئېڭى تۇرغۇزۇلدى.

  سانلىق مەلۇمات ئەڭ ياخشى ئىسپات. يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ئاشكارىلانغان دېلولارنى مېسالغا ئالساق، تور پونكىتى 2015-يىلى 620 مەسىلە، 2016-يىلى 420 مەسىلە، 2017-يىلى 286 مەسىلە، 2018-يىلى 62 مەسىلىنى مەركەزلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىغان بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ھالدا يىلدىن يىلغا ئازايغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، تور پونكىتى 2015-يىلى 495 مەسىلە، 2016-يىلى 322 مەسىلە، 2017-يىلى 160 مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، بۇمۇ يىلسېرى تۆۋەنلىگەن. «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ئاشكارىلانغان دېلو سانىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ئازايغان. بېيجىڭ داشۆسى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور جۇاڭ دېشۇي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»نىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇش تونۇشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ھېيت-بايرام مەزگىلىدىكى ئىنتىزامنى چىڭىتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  «پاك-دىيانەتلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ھېيت-بايرامغا قاراش كېرەك». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ئاشكارىلانغان دېلو مىساللىرىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-بېرىش، بەلگىلىمە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، بەلگىلىمە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش قاتارلىقلارغا مەزكەزلەشكەن، بۇ ھەم ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك مەسىلىلەر. 2016-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە، ئۇدا تۆت ھەپتىدە 420 مەسىلە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، 548 كىشىنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ ئاشكارىلاندى. مۇشۇ قېتىمدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان «توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش»كە ئالاقىدار 75 مەسىلە ئىچىدە، 60ى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىشقا چېتىلغان؛ بۇنىڭغا يەنە «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-بېرىش»قا ئالاقىدار 59 مەسىلىنى قوشقاندا، جەمئىي 119 مەسىلە بەلگىلىمە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-بېرىش مەسىلىسىگە چېتىلىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلە ئومۇمىي سانىنىڭ %30ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆرلەپ ئوقۇش زىياپىتى بېرىش مەسىلىلىرى «توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش»كە ئالاقىدار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلە ئومۇمىي سانىنىڭ %46ى ۋە %21نى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر