باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويغان مېسسى «ھەممە مەسئۇلىيەتكە مەن ئىگە» دېدى

2018.06.19 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئىيۇن، بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىنى تۈگەتكەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن ئىدى، شۇ كۈنى ئارگېنتىنا كوماندىسى 1 دە 1 نەتىجىدە ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

  ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كوزىر پۇتبول چولپىنى مېسسى كوماندىسى ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن 1 دە 1 تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن مۇسابىقىدە مۇھىم نۇقتا توپنى قولدىن بېرىپ قويدۇم، كوماندىنىڭ 3 نومۇر ئالالمىغانلىقى مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولدى.

  مۇسابىقىدە مېسسى ئەسلىدە 2 دە 1 نەتىجە بىلەن كوماندىسىنى بىر توپ ئالدىدا تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرەلەيتتى، بىراق ئۇنىڭ تەپكەن نۇقتا توپى ئىسلاندىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى خالدورسون تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى.

  مېسسى مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: كوماندا ھازىر ئالدىغا قارىشى كېرەك، بىز ئەسلىدە بىرىنچى مەيداندا بىر مەيدان غەلىبە بىلەن ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكچى بولغان. بىراق ھازىر بىز پەقەتلا كېيىنكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى ئۇتۇشنىلا ئويلايمىز، كىرودىيە بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. چۈنكى كىرودىيەنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئويناش، ئۇلار تۇيۇقسىز بىر چوڭ پاس بىلەن ئالدى مەيداندىكى ھۇجۇمچىنى ئىزدەپ، مۇسابىقىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر