باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتا تەكشۈرۈلگەن 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا 630 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

2018.06.19 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتا تەكشۈرىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالتە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 30-مايدىن 7-ئىيۇنغىچە خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، جياڭشى، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا چۈشۈپ نازارەت قىلدى. 14-ئىيۇنغىچە نازارەت قىلىنغان جايلاردىكى 630 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، 14-ئىيۇن كەچ سائەت سەككىزگىچە، ئالتە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاممىنىڭ 12817 پارچە پاش قىلىش ئەرزىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك بولغان 10608نى قوبۇل قىلىپ، رەتلەپ تەكرار پاش قىلىنغانلىرىنى قوشۇۋېتىش ئارقىلىق 9995نى نازارەت قىلغان جايلارغا بېجىرىشكە بەرگەن ۋە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. نازارەت قىلىنغان جايلار 3206 پارچە ئەرزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 641 ئورۇننى دېلو تۇرغۇزۇپ جازالاپ، 58 مىليون 70 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان؛ 75 پارچە ئەرزنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، 58 كىشىنى توختىتىپ قويغان؛ 365 كىشى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، 630 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نازارەت قىلغاچ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسلىلىرى بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر