باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئامېرىكا-كورېيە ھەربىي مانېۋىرىنى توختاتقانلىقى «قوش ۋاقىتلىق توختىتىش» تەشەببۇسىنى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، دېدى

2018.06.14 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 13-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا ئامېرىكا-كورېيە ھەربىي مانېۋىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ «قوش ۋاقىتلىق توختىتىش» تەشەببۇسىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە پائال ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلدى. «چاۋشيەن تەرەپ يادرو سىنىقىنى توختاتتى، ئامېرىكا-كورېيە تەرەپ ھەربىي مانېۋىر مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئۆزى چەكلىيەلىدى. بۇ، ئەمەلىيەتتە جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «قوش ۋاقىتلىق توختىتىش» تەشەببۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  گېڭ شۇاڭ: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا ئامېرىكا-كورېيە ھەربىي مانېۋىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەشەببۇسى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ جىددىي بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى ھەل قىلالايدۇ، دېدى.

  ئۇ: جۇڭگو تەرەپنىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىدىكى تەشەببۇسى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، ھامان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر