باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قەغەز زاكىلىق ئىشتان قاتارلىق قەغەز ياسالمىلارنىڭ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

2018.06.19 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازار نازاەتچىلىكى ۋە باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى يېقىندا قەغەز زاكىلىق ئىشتان، ھاجەتخانا قەغىزى ۋە تازىلىق قەغىزى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك تۇرمۇش قەغەز بۇيۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن GB/T 22875-2018 «قەغەز زاكىلىق ئىشتان ۋە تازىلىق قەغىزى دېگەندەكلەرگە يۇقىرى سۈمۈرۈشچان سىمولا ئىشلىتىش» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شۇ ئارقىلىق، قالدۇق يەككە ئاكرىلات (ئاكرىلىك كىسلاتا)نىڭ بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچىگە بولغان تەلىپى ۋە سۈمۈرۈش سۈرئىتى كۆرسەتكۈچىگە بولغان تەلىپى ئۆستۈرۈلۈپ، پارلىنىشچان ماددا مىقدارىغا قارىتا ئۆلچەپ بېكىتىش ئۇسۇلى تەڭشىلىپ، سېرىققا قايتىش قىممىتى، ئېكستراكسىيىلەشكە بولىدىغان ماددا مىقدارى ۋە مۇناسىپ ئۆلچەش ئۇسۇلى كۆپەيتىلدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 8939-2018 GB/T «تازىلىق قەغىزى (قوغدىغۇچ)»قىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تولۇئالدېگىدنىڭ مىقدارى ۋە يۆتكىلىشچان يالتىراق ماددا قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك ماددىنىڭ بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى كۆپەيتىلىپ، سىڭىپ كىرىش مىقدارىنىڭ كۆرسەتكۈچى قوللىنىلىپ، ھەمدە ئۇ سۈمۈرۈش سۈرئىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە سۈمۈرۈش سۈرئىتىگە ئۆلچەم بېكىتىش ئۇسۇلى قوشۇلدى، ھەمدە دۈمبە يېلىمىنىڭ ئاجرىلىش كۈچلۈكلۈكىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى تەڭشەلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن GB/T 20810-2018«تازىلىق قەغىزى (تازىلىق قەغىزى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان پىششىقلانمىغان قەغەزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)»گە قويۇلغان تەلەپمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يۆتكىلىشچان يالتىراق ماددا، ئېغىر مېتاللار مىقدارى ۋە كۈل قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچى تەڭشىلىپ، شارسىمان قىسمىنىڭ يىرتىلىشقا چىداملىقى، تارقاقچانلىقى ۋە چۈشۈپ كېتىپ ساڭگىلاپ قېلىش نىسبىتى قاتارلىقلارنىڭ فىزىكىلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئاشۇرۇلۇپ، مەھسۇلاتنى تۈرگە ئايرىش ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى، ھەمدە كېرىلىشكە تاقابىل تۇرۇش كۆرسەتكۈچى، يۇمشاقلىق دەرىجىسى، چاڭ-توزان دەرىجىسى ۋە ئېغىش تەلىپى تەڭشەلدى.

  يېڭىدىن تۈزۈلگەن GB/T 36420-2018 «تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزلەر ۋە قەغەز ياسالمىلار، خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە خام ئەشيالارنى بىخەتەرلىك بويىچە باھالاش-باشقۇرۇش سىستېمىسى»دا، خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە خام ئەشيالارنى بىخەتەرلىك بويىچە باھالاش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە ئالاقىدار تەلەپلىرى بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر