خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە تاڭزۇڭزا ئوراش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى بۇ مەكتەپتىكىلەر تاڭزۇڭزا چاغىنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تاڭزۇڭزا ئورىغاچ دوستلۇق ئورنىتىپ، ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ مەدەنىيەت سېھرى كۈچىنى بىرلىكتە ھېس قىلىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى