باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭئوساكادىكى يەر تەۋرەشتە تۆت ئادەم قازا قىلدى، 370دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى

2018.06.19 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ئوساكادا 18- ئىيۇن 6.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئاز دىگەندە تۆت ئادەم قازا قىلغان، 700 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 18- ئىيۇن كەچتە، ئوساكافۇ تاكاتسۇكى شەھىرىدىن كەلگەن 81 ياشلىق يەنە بىرئايال ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان، بۇنىڭ بىلەن يەر تەۋرەشتە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى تۆتكە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوساكا مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كيوتوفۇ ۋە بىنكۇ ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا 370دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

  يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە داۋاملىق قاتناۋاتقان دۇڭخەي يولى، شەنياڭ يېڭى لىنىيەسى ۋە قىسمەن يەرلىك تۆمۈر يول لېنىيەلىرىدە نۆۋەتتە تىجارەت ئەسلىگە كەلگەن، لېكىن يەنە بىر قىسىم لىنىيەلەردە داۋاملىق تۈردە قاتناش توختىتىلغان. يەر تەۋرەشتە يەنە ئوساكا قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن خەلقنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى زىيانغا ئۇچرىغان، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ھەتتا يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر