باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو تەرەپكە ئامېرىكا-چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، دېدى

2018.06.14 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 13-ئىيۇن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرگەندە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيونىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو تەرەپكە ئامېرىكا-چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ سىنگاپور ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گېڭ شۇاڭ: «دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو 6-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپكە ئامېرىكا- چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ سىنگاپور ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ»، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ مەنپەئىتىگىمۇ ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۇ قېتىمقى زىيارەت يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم بولغان يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پومپىيونىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو زىيارىتى ئارقىلىق، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر