باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خۇنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

يېڭى-كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ تەرەققىياتنىڭ ئىچكى تۈرتكىسىنى كۈچەيتىش كېرەك

2018.06.13 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-، 12-ئىيۇن خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋ، ئۆلكە باشلىقى شۈ داجېنىڭ ھەمراھلىقىدا خېڭياڭ، چاڭشادا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ خېڭياڭ شەھىرىنىڭ بەيشۈي كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا، شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۈزەتتى، دېھقانلار بىلەن ھەر مو يەرنىڭ تەننەرخى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە پاراڭلاشتى، ئۇلاردىن ئاشلىق تېرىشتا يەنە قانداق ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تاماق مەسىلىسى-بەك چوڭ ئىش، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى ۋە ئۇنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرگەن ئاساستا تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر بىلەن دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىشتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش كېرەك.

  لى كېچياڭ بەيشاجۇ سانائەت باغچىسىغا بېرىپ، خۇنەن، بولۇپمۇ جەنۇبىي خۇنەننىڭ يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى-كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، كەسىپلەرنىڭ مۇۋاپىق، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىشتا سېلىشتۇرما ئېتىبار سىياسىتىگە تايانماستىن، سېلىشتۇرما سودا مۇھىتىغا تايىنىش كېرەك. ئۇ خۇنەننى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۆتكەلگەن كەسپلەرنى قوبۇل قىلىشتا باشلامچى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر