باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەتىرگۈللەرنىڭ خۇش ھىدى مېھمانلارنى جەلپ قىلدى

2018.06.20 14:54   مەنبە: خەلق تورى

ئەتىرگۈللەرنىڭ خۇش ھىدى مېھمانلارنى جەلپ قىلدى

  6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر لونەن ناھىيەسىنىڭ ئەتىرگۈل بازىرىدىكى ئەتىرگۈللەر گۈلىستانىدا سەيلە قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەنشى ئۆلكىسى شاڭلو شەھىرى لونەن ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 2016-يىلىدىن باشلاپ شۇ تەۋەلىكتىكى رايوندا «تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، يول، تۇرالغۇ جاي» قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويغان ئىدى.ھەم شۇنداقلا، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش شەكلى ئارقىلىق، ھەمدە"شىركەت+بازا+دېھقان"ئەندىزىسى بويىچە، خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان بۇ «ئەتىرگۈل بازىرى»نى بەرپا قىلغان ئىدى. بۇنىڭدا، بازار مەركىزىدە ئەتىرگۈل مەيدانى، ئەتىرگۈل كارىدورى، ياغاچ ئۆي مېھمانسارىيى، ئۆزگىچە سودا كوچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلدى.

  «ئەتىرگۈل بازىرى» 2017-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ھازىرغىچە 200 مىڭ (ئادەم قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ بىلەن، بازار دائىرىسىدىكى ئۈچ مەمۇرىي كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 2017-يىلى 7460 يۈەنگە يېتىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا نامراتلىق ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلىپ، تاغلىق رايوندىكى نامراتلارنى ئۆزگىچە يۆلەشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر